شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ھەريىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ 15-نۆۋەتلىكى ۋە 6-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 30 دىن كۆپ دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 22-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە ئىستانبۇلدا داۋاملىشىپ، غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

23-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇنقى ئېچىلىشتا رەئىس ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار، مۇئاۋىن مىنىستىرلار، پىرېزىدېنت باش مەسلىھەتچىلىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ مۇھاكىمە يىغىنى تەرىقىسىدە داۋاملاشتى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋاملاشقان مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ياۋروپا تاشقى ئىشلار مەسئۇلى، تەتقىقاتچى نىجات تۇرغۇن ياۋروپا–خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش پۇرسەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

ئارقىدىن سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى دوكتور ئىسام ئابدۇششافى «ئوتتۇرا شەرق ۋە خىتاي مۇناسىۋىتى» ۋە 27 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرقتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدە توختالدى.

ئارقىدىن پىروفېسسور دوكتور مۇھەممەد ئەفانى سەللاھ ئاسىيا ئەللىرى ۋە خىتاي مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە بۇ دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش يوللىرى ھەققىدە توختالدى.

كېيىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس خىتاينىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان مەزكۇر دۆلەتلەرگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى.

24-سېنتەبىر يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى بۆلۈمىگە پېشقەدەم ژۇرنالىست سىراجىددىن ئەزىزى رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» باش تېما قىلىنغان ھالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «خىتاي دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» تېمىسىدا، تۈركىيەدە ۋە خەلقئارادا تونۇلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور قادىر تەمىز ئەپەندى «رايون ۋە خەلقئارالىق ئامىللارغا ئاساسەن خىتاينىڭ كەلگۈسى ئەھۋالى» تېمىسىدا، 

مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئىسمائىل «جەنۇبىي شەرقىي ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» تېمىسىدا، دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئامىللىرى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ھەرىكەتكە بولغان تەسىرى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت «تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى» تېمىسىدا ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى «شەرقىي تۈركىستان كىرىزىسى: ئىشغالىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا مىساللار بىلەن تەپسىلىي توختالدى. ئارقىدىن ھەرقايسى لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈمى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى: ھەل قىلىش تەكلىپلىرى» تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋاملاشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن كۇۋەيتنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور ۋەلىد تابتابائىي «خىتاينىڭ ئەرەب دۇنياسى ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەل قىلىش تەكلىپلىرى» تېمىسىدا، كانادا شەرقىي تۈركىستان فېدېراتسىيەسى رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى: خەلقئارا قانۇندا ئېتىراپ قىلىنىش ۋە يولغا قويۇلۇش ئۇسۇللىرى» تېمىسىدا، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى، يازغۇچى ئابدۇرېھىم دۆلەت «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىسلاھات تەكلىپلىرى» تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى» تېمىسىدا توختالدى ۋە ئاخىرىدا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

شۇنداقلا يىغىننىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى مۇھىم شەخسلەر، ئاكادېمىكلار، چەت ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار ئايرىم-ئايرىم گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى كۈچلۈك نۇقتىلار، ئاجىز تەرەپلەر، پۇرسەتلەر ۋە تەھدىتلەر قاتارلىق تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى ۋە ئانالىزلارغا ئاساسلانغان ھالدا مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىلىرى تەۋسىيە قىلىندى.

 

يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى بولغان 25-سېنتەبىر ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز گۇرۇپپىلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان تېمىلارنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى.

ئارقىدىن ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى تۈركىيەدىكى ياپونىيە باش ئەلچىسىنىڭ يىغىن ئەھلىگە يوللىغان سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلغان ۋە «يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى ۋە خىتايدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى، ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور سەيجى نىشىخارا ۋە «شەرقىي تۈركىستان: كوممۇنىست پارتىيەسى ئىدارىسىدە ئۆتكەن 70 يىل» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ياپونىيە خوسەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور جۇن كاماكۇرا ئەپەندىلەر ئايرىم-ئايرىم يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلدى.

ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئوقۇشى ۋە پىروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباينىڭ باشچىلىقىدىكى دۇئا ۋە ئوپچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش بىلەن، 15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 6-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 5450 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2023 23:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق