ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى تەمىنلەش زەنجىرىگە ئالاقىدار ھۆججىتىنى يېڭىلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى تەمىنلەش زەنجىرىگە ئالاقىدار ھۆججىتىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 26-سېنتەبىر يازما بايانات ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى تارقاتقان «شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرى سودا مەسلىھەتچىلىكى ھۆججىتىنى»نىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماتېۋ مىللېرنىڭ باياناتىدا بۇ يېڭىلاش تەرتىپىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى ۋە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە تۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى مەقسەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ جىنايى ئىسپاتىغا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە: «ئامېرىكا پۈتۈن ھۆكۈمەت تىرىشچانلىقى، خۇسۇسىي تارماقلار، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىز بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېيىلگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقىرىقى جىنايى قىلمىشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى ۋە ئەمگەك مىنىستىرلىقى «شىنجاڭ تەمىنلەش زەنجىرى سودا مەسلىھەتچىلىكى ھۆججىتى»نى 2020-يىلى 1-ئىيۇل ئېلان قىلغان بولۇپ، 2021-يىلى 13-ئىيۇل قايتا يېڭىلىغان.

سانائەت ۋە سودا مەسلىھەتچىلەر ئاخباراتىنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىدا، پىرېزىدېنت «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نى ئىمزالىغاندىن كېيىنمۇ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت دوكلاتلارنىڭ داۋاملىق تارقالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

2021-يىلى 23-دېكابىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكىنىڭ ئىككى پالاتاسى تەرىپىدىن بىردەك ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ئىمزالىغان ۋە بۇ قانۇن 2022-يىلى 21-ئىيۇن رەسمىي ئىجرا قىلىنغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1794 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2023 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق