يېڭى قانۇن: قازاقلار قازاقىستان نوپۇسىغا ئۆتۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك

قازاقىستان پارلامېنتى ئالدىنقى ھەپتە يېڭى قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق خەلقى قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈشتىن ئاۋۋال خىتاي رېجىمىدىن «ۋەتىنىدىن ۋاز كەچكەنلىك ئىسپاتى» ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

ئۈمىد ئاۋازى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20-سېنتەبىر قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى «قازاقىستان بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. قازاقىستان ئاھالىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسى قازاقىستان نوپۇسىغا ئۆتۈش ئۈچۈن، چوقۇم خىتاي تارقاتقان «دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىش» ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ تەدبىر قازاقىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ بىخەتەر پاناھلىنىش جايى بولمايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئاتا يۇرت جەمئىيىتى مەسئۇللىرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، قازاقىستاندا ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلىرىنىڭ خىتاي رېجىمىنى تەنقىد قىلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلار قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر قازاقىستان پۇقراسى بولماقچى بولسا، چوقۇم خىتاي رېجىمىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. خىتاي تەلەپ قىلسىلا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەرنى، جۈملىدىن قازاقىستان دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەنلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.

ئىلگىرىكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ قازاقىستان پاسپورتىغا ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى كۈنسېرى مۇرەككەپلەشكەن. ئۆتكەن ئالتە-يەتتە يىل ئىچىدە خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ۋە قازاقىستان دائىرىلىرى بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق خەلقى ئەسلىدە قازاقىستاننى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر پاناھگاھى قىلىپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكىنى خىتاي قارار قىلىدىغان ھالەتكە كەلگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن ئوتلاقلىرى بار بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا ئۇلار قازاقىستان نوپۇسىغا ئۆتۈش ئۈچۈن چارۋا باقىدىغان نۇرغۇن ئوتلاقنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك ئىكەن. ئەكسىچە بولغاندا خىتاي رېجىمى چارۋىچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىشىگە يول قويمايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2833 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2023 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق