ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرىمەن» تېمىسىدا سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرىمەن» تېمىسىدا سۈرەت كۆرگەزمىسى، لېكسىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى ، ئۇنىڭ ياشلار شۆبىسى، مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى، تۈركىيە ياشلىرى تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇنبىرى، ئەرباقان ۋەقفى، تاشقى سودا بىلىم مەركىزى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن تەشكىللەندى.

پائالىيەت ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 29-سېنتەبىر مەخسۇس ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلاندى. 

پائالىيەتتە سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور، دوكتور جالال ئەرباي سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ جىھادنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرى مۇقەددەس دەۋا ئېڭىنى ئانادولۇغا تارقاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر كۈلپەت ئىچىدە ئىشغالچى خىتاي بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا ھەمدەمدە بولۇش تۈركىيە خەلقىنىڭ جىھادى ۋە مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى رەئىسى تاھسىن باشارى سۆز قىلىپ، ئاياسوفىيا جامەسىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ فەتھى ۋە قۇددۇسنىڭ فەتھىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتۈپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ گۇۋاھچىسى ئەمەس، بەلكى دەۋاچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئارقىدىن ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، مىللىتى ۋە ئىسلام ئەقىدىسى بىر بولغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۈتۈلگەندەك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى، بۈگۈن يىغىلىشتا تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ قىلغان سۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۈمىد چىرىغى بولغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن چوڭ مۇنبەر تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەدە، خەلقئارادا تۈرلۈك مېتود ۋە شەكىللەردە تېخىمۇ جانلاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىش تەكلىپىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى ياشلار شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇئاز تاھادېمىرتاش سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە قۇددۇس فەتھىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئاللاھتىن تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرباقان ۋەقفى ئىستانبۇل ياشلار شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەمرە تۈزۈم سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن تارىختا خاتىرىلەنگىنىدەك، خىتاينىڭ يۇمشاق سۆزلىرى، چىرايلىق يىپەكلىرى بىلەن يىراقتىكى مىللەتلەرنى ئۆزىگە قارىتىدىغانلىقى، ئارقىدىن ئۆزىنىڭ ئەسلى رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ، خىتايغا يېقىنلاشقان مىللەتلەرنى مۇنقەرز قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئارقىدىن تۈركلەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

ئارقىدىن ئىستانبۇل مۇسۇلمانلار كوللېكتىپى تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئىلخان ئىبراھىم سۆز قىلدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان رايونى ئۇچۇر ئىشخانا باش يېتەكچىسى ئوسمان نۇرى دۇمان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ دوستلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى، ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستان رايون ئىشخانىسى»نى قۇرغانلىقىنى، بۇ ۋاسىتە بىلەن يىراقنى كۆزلىگەن ھالدا تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىدىن يۇسۇف گۈللۈ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر 12 مۇقاملىرىدىن «ناۋا مۇقامى» ئورۇندالدى.

ئاخىرىدا لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېردىكى جىنايى قىلمىشلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. 

 

كۆرگەزمىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنىڭ تەقلىدىي كامېرى، بالىلار ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقان تەقلىدىي سىنىپ، تەقلىدىي قىيىن-قىستاق ئۆيى قاتارلىقلار تەييارلانغاندىن سىرت، جازا لاگېرىغا قامالغان، ئازاب چېكىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرى، سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرەتلەر ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن سىزىمەن» چاقىرىقى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىزىلغان رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىندى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم–كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەرخىل بۇيۇملارمۇ كۆرگەزمە قىلىندى.

پائالىيەتكە ئەششەرق، AB9، tvnet، ئىستىقلال قاتارلىق قاناللار كەلگەن بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىنى بىۋاسىتە تارقاتتى.

كۆرگەزمە 1-ئۆكتەبىر كەچكىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زىيارەت قىلىشى، يەرلىك دوستلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز دەۋاسىغا ئىگە چىقىشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5955 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2023 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق