ئىستانبۇلدا 2023-يىللىق UyghurSTEM تېخنىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

2023-يىللىق UyghurSTEM تېخنىكا فېستىۋالى 1-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇب سۇلتاندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ستەم تەشكىللىگەن 5-قېتىملىق تېخنىكا فېستىۋالى ھېسابلىنىدۇ.

پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە دۆلەت مارشلىرى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ستەمنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەتئىمىن نۇرىددىن مۇئەللىم ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئۇيغۇر ستەمنىڭ خىزمەتلىرىنى، جۈملىدىن قۇرۇلغاندىن بۇيان 600 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا، فىزىكا، بىئولوگىيە ۋە روبوت ياساش تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا دەرس بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، فېستىۋالدا ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان لېكسىيەلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى ۋە ياسىغان ھەر خىل روبوتلارنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش ساھەسىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر ئارقا-ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ، ھەرخىل تېمىلاردا لېكسىيە سۇندى ۋە ئۆزلىرى ياسىغان ھەر تۈرلۈك روبوتلارنى نەق مەيداندا سىناق قىلىپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ستەم 2019-يىلى روبوت كۆرگەزمىسى سۈپىتىدە باشلانغان بولۇپ، كېيىنچە «UyghurSTEM» دېگەن نام بىلەن رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، «ئۇيغۇر، ئىلىم-پەن، تېخنىكا، ئېنژىنىر، ماتېماتىكا» دېگەن سۆزلەرنىڭ بىرىكمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ستەم گۇرۇپپىسى ھەر يىلى ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە بىئولوگىيە دەرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دەرسلەرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشقاندىن سىرت، كومپيۇتېر پىروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرىگىمۇ ھازىرغىچە نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى قاتناشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4687 قېتىم كۆرۈلدى
03/10/2023 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق