ئىشغالىيەتنىڭ 74-يىلىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەرەب قاناللىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى

خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل نامايىش ۋە پائالىيەتلەر كۈچەيگەن بىر پەيتتە، ئەرەب دۇنياسىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى قايتا كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەڭ داڭلىق قاناللاردىن بىرى بولغان ئەلجەزىرە قانىلى، شۇنداقلا رافىدەين ۋە ۋەتەن قاناللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرىمەن» تېمىسىدا 29-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرەت كۆرگەزمىسى، لېكسىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كۆرۈرمەنلىرىگە نەق مەيداندىن تارقاتتى. شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى مۇدىرى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق ئەپەندى ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەت جەريانىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئارقىدىنلا مەزكۇر قاناللار ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنىمۇ نەق مەيداندىن تارقاتتى ۋە قاناللىرىدا مەخسۇس پىروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىش جەريانى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ھەر ئىككى قانالنىڭ سۆھبىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلۋارىس ئەپەندى خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ پاجىئەنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىنىڭ تولۇق مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ نىشان ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 5554 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2023 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق