ھاماس ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەرىكەت باشلىدى

7-ئۆكتەبىر ئەتىگەن شۇ جاي ۋاقتى 6:30 دىن باشلاپ پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى «ھاماس» ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا كەلكۈنى» نامىدا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «ھاماس»نىڭ قوراللىق قىسمى بولغان شەھىد ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا كەلكۈنى» ھەرىكىتىنى باشلىغان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانى دەپسەندە قىلغانلىقىنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت قويۇپ بەرگەن ۋە پۈتۈن ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنى پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەقلىق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى پەلەستىندە بولۇپ، توقۇنۇش ھېلىھەم شىددەت بىلەن داۋاملاشماقتا. ھاماس تەشكىلاتى يەھۇدى ئولتۇراق رايونلىرىدىن يەتتىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر رايونلاردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قېچىشقا باشلىغان كۆرۈنۈشلىرى، شۇنداقلا كۆپلىگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت سىنلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىشقا باشلىدى.

ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھو ئىسرائىلىيەنىڭ رەسمىي بىر ئۇرۇش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە ھاماسنىڭ بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنداقلا توقۇنۇشتا ھازىرغىچە 22 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئۆلگەنلىكى، 545 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ھاماسنىڭ يەنە 50 كە يېقىن ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالغانلىقى ۋە بۇ ساننىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

نۆۋەتتە ھاماس قىسىملىرى غەززە بىلەن چېگرىداش بولغان غىلافۇ غەززە چېگراسىنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ، نۇرغۇن جايلارنى كونترول قىلىپ بولغان.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتىنىڭ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭدەك كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە يىللاردىن بۇيان ماختىنىپ كەلگەن «تۆمۈر گۈمبەز» راكېتامىيوت قالقان سىستېمىسىنىڭمۇ كارغا كەلمەي قالغانلىقىنى، غەززەدىن ئېتىلغان نۇرغۇن راكېتامىيوتلارنىڭ نۇرغۇن جايلارغا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئىسرائىلىيەگە بارىدىغان ئۇچۇشلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ، ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 5924 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2023 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق