ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئۇرۇشى شىددەت بىلەن داۋام قىلماقتا

ھاماسنىڭ ھەربىي قىسمى بولغان ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا كەلكۈنى» ھەرىكىتى قوزغىغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىكى توقۇنۇش ئەۋجىگە چىقماقتا. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر كېچىدە غەززە رايونىغا 500 دىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 493 پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا، 800 ئىسرائىلىيەلىك ھاماسنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 100 دىن كۆپ ئەسكەرنىڭ بارلىقى ۋە نۇرغۇن ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ قامال قىلىنغان غەززە رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمىدا 1000 توننىدىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ دورا ئىشلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئارمىيە ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، 8-ئۆكتەبىر كەچتىن باشلاپ غەززە رايونىدا ھەر بىرىگە ئونلىغان كۈرەشچى ئايروپىلان قاتناشقان تۆت قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى، 800 دىن ئارتۇق نىشانغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي رېجىمى ئىسلام دۇنياسىغا چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن زېمىنىدا پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، توقۇنۇشنى تۈگىتىشنىڭ توغرا يولىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى يولغا قويۇش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى غەززە رايونىدىن ئەتراپتىكى ئىسرائىلىيە ئولتۇراق رايونلىرىغا سىڭىپ كىرگەن پەلەستىن قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن بولۇپ، باياناتتا ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ غەززە رايونىدىن نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بېئېر بازىرىدا كېچىچە 90-70 ئەتراپىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتچى يەنە 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدىن مىڭغا يېقىن قوراللىق پەلەستىنلىكنىڭ ئوخشىمىغان 80 نۇقتىدىن ئىسرائىلىيەدىكى 20 ئولتۇراق رايون ۋە 11 ھەربىي بازىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ غەززە رايونى ئەتراپىدىكى ئوخشىمىغان يەتتە نۇقتىدا پەلەستىن قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇندىن باشقا غەززەنىڭ غەربىدىكى يەرمۇك مەسچىتى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھاۋا ھۇجۇمىدا ۋەيران قىلىنغان مەسچىتلەرنىڭ سانى تۆتكە يەتكەن. ئىسرائىلىيە تۈنۈگۈن ئەل ئەمىن مۇھەممەد، ئەھمەد ياسىن ۋە مۇھەممەد ئەل ھەبىب مەسچىتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانىدى.

ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ پەلەستىن ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك توقۇنۇشى سەۋەبلىك، غەززە رايونىدىكى ئاز دېگەندە 17 مىڭ 500 ئائىلىدىكى 120 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سەرگەردان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 5811 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2023 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق