پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن ھەربىي قوماندانلىرى ئۆلدى

ھاماس باشلىغان «ئەقسا كەلكۈنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نۇرغۇن ئىسرائىلىيە ھەربىي قوماندانلىرى يارىلانغان ۋە ئۆلگەن.

«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئەقسا كەلكۈنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتە ئىسرائىلىيە مۇداپىئە ئارمىيەسى ئىسرائىلىيە زېلىن ھەربىي مەشىق بازىسىنىڭ قوماندانى بىرىگادا كوماندىرى گېنېرال رومان گوفماننىڭ 7-ئۆكتەبىر ھاماس بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشىدا يارىلانغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى 8-ئۆكتەبىردىكى يېڭى توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن 26 ئەسكەر ۋە 30 ساقچىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ناخار بىرىگادىسىنىڭ قوماندانى پولكوۋنىك جوناتان ستېينبېرگ ۋە ئۇنىۋېرسال قىسىمنىڭ قوماندانى پولكوۋنىك روي لېۋى ئۆلدى. بۇنىڭ ئۆلۈمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇرۇش مەيدانىدا قازا قىلغان ئىسرائىلىيەدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ بىرى» دېگەن.

«ناخال بىرىگادىسى» ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق پىيادە ئەسكەرلەر بىرىگادىسى بولۇپ، ئىسرائىلىيە جەنۇبى قوماندانلىق ئورگىنى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. بۇ بىرىگادا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆلچەملىك ھەربىي كۈچى بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ مەھسۇلى ئىكەن. گەرچە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى پەقەت باتالىيون دەرىجىلىك جەڭ قىلغۇچى قىسىم بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قاتارلىق كۆپ ساھەلىك جەڭ كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ئۆلگەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ سانى 73 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى قوشقاندا ئالغاندا 800 دىن ئاشقانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ 2400 دىن ئاشقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 365 ىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئالاقىدار خەۋەرلەردە تېل ئاۋىۋدىكى بىن غوريون ئايرودرومىدا ئىسرائىلىيەدىن قېچىۋاتقان يەھۇدىيلار، شۇنداقلا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن قاتتىق قىستاڭچىلىق شەكىللەنگەنلىكى ۋە يولۇچىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئارىسىدا جېدەل-ماجىرا كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5899 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2023 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق