ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە 2000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار 2053 گە، يارىلانغانلار 10 مىڭغا يەتتى.

ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جانان سەيىق 8-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا 7-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 2053 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، يارىلانغۇچىلارنىڭ سانى 10 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا 7-ئۆكتەبىر ئىككى قېتىم 6.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەن. جانان سەيىق يەر تەۋرەشتە ھىرات، بادغىس ۋە فارادىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىدىكى 1340 ئېغىز ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتقان.

ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھىرات ئۆلكىلىك ئاپەت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىرات ئۆلكىسىنىڭ زىنداجان رايونى يەر تەۋرەش تەسىرى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، ھازىر بۇ رايوندىكى 13 كەنت پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.
زىنداجان رايونىدىكى كەنت ئاھالىلىرى شۇ كۈنى مۇخبىرغا يەر تەۋرەش ئاپىتى ئېغىر بولغان رايوندا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ يەنىلا جىددىي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك بولغاچقا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە خارابىلىقنى قولىدا كولاپ، ھايات قالغانلارنى ياكى ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئافغانىستان قىزىل ئاي جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلىي ئاپپاراتلارمۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5772 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2023 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق