قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر سودىگەر تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ نەزەربەند قىلىنىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستان پېرۋومايىسكىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 9-ئۆكتەبىر بېشكەكتىكى مەدىنە بازىرىنىڭ خوجايىنى، تونۇلغان ئۇيغۇر سودىگەر تۇرسۇنتاي سەلىموفنى قىرغىزىستان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 261-ماددىسىدىكى «تەشكىللىك گۇرۇھ قۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش» گۇمانى بىلەن نەزەربەند قىلغان بولۇپ، 9-دېكابىردىكى سوتقىچە تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۇرسۇنتاي سەلىموف 7-ئۆكتەبىر كەچتە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى 4-ئۆكتەبىر ئۆلتۈرۈلگەن كامچا كولبايوف بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان. تۇرسۇنتاي ئۆزىنىڭ جىنايەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ كولبايوفنىڭ قوشنىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۇرسۇنتاينىڭ ئادۋوكاتى مۇخبىرغا سەلىموفنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلىقىنى، ئۇنىڭ 67 ياش ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي سوتنىڭ ئۇنى نەزەربەند قىلغانلىقىنى، سوت جەريانىدىمۇ ئۇنىڭ جىنايەت بىلەن ھەرقانداق باغلىنىشى بارلىقى دەلىللەنمىگەنلىكى، پەقەتلا كامچا كولبايوفنىڭ قوشنىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا گۇمان بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېقىندا سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە مەدىنە بازىرىدىكى سودىگەرلەر قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروف ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى قامچىبەك تاشيوفقا تۇرسۇنتاي سالىموفنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان بولۇپ، بازاردىكى سودىگەرلىرى تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ مىڭلىغان خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ، نۇرغۇن قىرغىزىستان خەلقىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھېچقانداق جىنايى گۇرۇھ بىلەن باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلار بۇ ھادىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ قولى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. تۇرسۇنتاي سەلىموف بۇ يىل مارت ئېيىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسى بولۇپ سايلانغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 6947 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2023 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق