«شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرىمەن» پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرىمەن» تېمىسىدىكى سۈرەت كۆرگەزمىسى، لېكسىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى 8-ئۆكتەبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

پائالىيەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى، ئۇنىڭ ياشلار شۆبىسى، مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى، تۈركىيە ياشلىرى تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇنبىرى، ئەرباقان ۋەقفى، تاشقى سودا بىلىم مەركىزى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن تەشكىللەنگەن.

پائالىيەتنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان يېپىلىش سۆزى قىلىپ، پائالىيەتتە ھەمكارلاشقان، ياردەم قىلغان جەمئىيەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا سايىت، ئەرباقان ۋەقفىدىن  جاپەش ئاكفان، شەرقىي تۈركىستان رايونى ئۇچۇر ئىشخانا باش يېتەكچىسى ئوسمان نۇرى دۇمان ۋە ھۆججەتلىك فىلىم دىرېكتورى تۈلاي گۆكچىمەن خانىم قاتارلىقلار قىسقىچە سۆز قىلدى.

ئۇندىن باشقا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى سۆز قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئارقىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن سىزىمەن» پائالىيىتى بويىچە دەرىجىگە كىرگەن ئۈچ ئەسەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5000، 3000، 2000 تۈرك لىراسى بىلەن مۇكاپاتلاندى.

پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرىمەن» تېمىسىدىكى مەزكۇر پائالىيەت 29-سېنتەبىر باشلانغان بولۇپ، ئوخشىمىغان ساھەدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر زىيارەت قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تونۇشۇپ چىققان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4126 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2023 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق