شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەنپەئەتى ۋە سىياسىي پەم

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى پۈتۈن دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكىنىدەك شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرىتىنىڭ سىياسىي مۇنبىرى ۋە سىياسىي يۆنىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. بۇ كەبى خەلقئارالىق چوڭ ۋەقەلەر ۋە خەلقئارا تەرتىپتىكى تۇرالغۇسىز ۋەزىيەتلەردىن ياخشى، ئەپچىل ۋە ئاقىللىق بىلەن پايدىلىنىش شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتى ۋە پەرقلىق ئېقىم، ئېتىقاد ۋە رايونلار تەرىپىدىن قوللىنىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سىياسەت ساھەسىدە ئاقىلانىلىك ۋە ئۇستىلىقنى دەۋا قىلىۋاتقان بەزى ئاتالمىش «دىپلوماتلار»نىڭ ئېچىنارلىق بولۇمسىزلىقى ۋە پاراسەتسىزلىكى خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ۋە دەۋايىمىزنىڭ مەشرۇئىيەت مەنبەلىرىدىن بولغان ئادالەت، ئىنسان ھەقلىرى ۋە خەلقئارا قانۇن قاتارلىق پىرىنسىپلارغا قارشى بىر ھەرىكەتتۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەزى تېيىز زېھنىيەتتىكى «دانىشمەنلەر» شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى بەزى تەرەپلەرنىڭ ئويۇنى، سىياسىي ۋاسىتىسى دېگەن خىتاينىڭ قارىلاشلىرىنى ئاقلايدىغان، خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدا كۈچىيىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان پەلەستىن مەسىلىسىنى يالغاندىن قوللاش نەيرىڭىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئەخمىقانە باياناتلار بىلەن، ئىككى مىلياردلىق ئىسلام دۇنياسىدا سەلبىي تەسىر يارىتىۋاتىدۇ ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ھەرۋاقىت ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان غەربتىكى مۇسۇلمان ھەرىكەتلەرنىمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قارىتا سەلبىي چۈشەنچىگە سېلىپ قويۇۋاتىدۇ.

مۇنداقلا قارىغىنىمىزدا، كىم ھاياجان، كىم بۇ داۋانى رەنىگە قويدى، كىم سىياسىي پەم بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، كىم سوغۇققان، كىم مىللىي قىممەت قاراش ۋە خەلقئارا پىرىنسىپلارغا بەكرەك ھۆرمەت قىلىدۇ،بۇنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.

تەشكىلاتىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاداققى مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ماڭغۇزۇۋاتقان ئىستراتېگىيەسى بويىچە بىز خەلقئارالىق ۋەزىيەتتە باشقىلارنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ، ياكى سوققان بۇيرۇقى بويىچە تەرەپ-تەرەپتىن شاتۇتىدەك باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى بەكرەك كۆزلىگەن قەدەملەرنى بېسىشتىن يىراق تۇرىمىز. دەۋايىمىزغا دۈشمەنلىك قىلغان، قارا سۈركىگەن تەرەپلەرگە ھەر ۋاقىت مەيدانىمىزنى ئوچۇق ئىپادىلەپ ئۆزىمىزنى، خەلقىمىزنى قوغداپ كەلگىنىمىزدەك، دۇنيانىڭ باشقا قىسىملىرىدىكى ئادالەتسىزلىك، زۇلۇمغىمۇ قارشى تۇرىمىز. بۇ خاراكتېرىمىز بىر قىسىم سۇنى كۆرمەي تۇرۇپلا ئىسرائىل كۆۋرۈكىدىن پەلەستىننىڭ سۇسىز شېغىل دەرياسىغا ئۆزلىرىنى تاشلىشىپ، ئاخىرىدا كۈلكىگە سەۋەب بولغان ئاتالمىش دانالىرىمىزنىڭ خۇي-پەيلى، ئىشلەش ئۇسلۇبىدىن پەرقلىنىدۇ. ھەرىكەتلىرىمىزنى چۈشىنەلمىگەن، ئەقىل كۆزى كۆرۈشكە يېتىشمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنى بىز بىلەن ئۇپراتماي، ئەينەككە قايتا قاراپ ئۆزلىرىنى دەڭسەپ كۆرۈشىگە دەۋەت قىلىمىز.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نىشانى مۇستەقىللىق، ئىگىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە كۈنىمىزدىكى مەركىزىي نۇقتا خەلقىمىزنى قۇتقۇزۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش. كۈنىمىزدىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەت، كۈلتۈر، ئىرقىي ۋە دىنىي كىملىكىلىرىمىز، خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە ھەرۋاقىت ھوشيار ۋە سوغۇققان سىياسەت ئېلىپ بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ 74 يىللىق ئىشغالىيەتكە قارشى سىياسىي ھەرىكىتىدىكى تەجرىبىلىرىدىن ساۋاق ئالغان ۋە خەلقئارا سىياسەتتىكى كۈچ مەركەزلىرىنى ياخشى ئانالىز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئەمەلىي، ئىلمىي ۋە پىرىنسىپچان ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر سىياسىي ھەرىكەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ئەزا تەشكىلاتلىرى، دەۋايىمىزنى ۋە ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى ھېچ بىر تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇربان قىلىشنى راۋا كۆرمەستىن، مىللىي مەنپەئەتنىڭ تەقەززاسىغا ماس ھالەتتە، خەلقئارا قىممەت قاراشلارنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، زالىم، مەزلۇم، توغرا، خاتا، ئىشغال ۋە قانۇنىي ھەرىكەتنى توغرا ئايرىپ، ۋەزىيەتنى ئىنچىكە كۆزىتىۋاتىدۇ. بىز ئۈچۈن ئادالەت ھەريەردە ئادالەت، ھەقىقەت ھەريەردە ھەقىقەتتۇر. سىياسەت - پەم ۋە ئاقىلانىلىكتۇر. مەنپەئەت - مىللىي مەنپەئەتتۇر.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىردىنبىر دەۋاسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىشى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زېھنىنى، كۈچىنى، ۋاقتىنى ۋە ئىقتىدارىنى پەقەت مۇشۇ نۇقتىلارغىلا مەركەزلەشتۈرۈشى ۋە بۇ خەلققە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان تەشكىلاتلارمۇ خەلق نامىدا ئېرىشكەن ئىمتىياز، ئىناۋەت، كۈچ ۋە ئىقتىدارىنى پەقەت ۋە پەقەت شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىشى كېرەك. بۇ بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز ۋە يولىمىز.

 

ھۆرمەت بىلەن:

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى

2023-يىلى 11-ئۆكتەبىر

بۇ خەۋەر 3547 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2023 09:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق