پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئەندىشە ئىچىدە تۇرماقتا

پاكىستان ھۆكۈمىتى تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتتىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە كېلەر ئايدىن باشلاپ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى باشلايدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ پاكىستان چېگراسى ئىچىدە پاناھلىنىۋاتقان 1 مىليون 700 مىڭ ئافغان مۇساپىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سارفراز بۇگتى 3-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا: «بىز ئۇلارغا ئاخىرقى مۆھلەتنى 1-نويابىرغىچە دەپ بېكىتىپ بەردۇق، چۈنكى بۇ يىل پاكىستاندا يۈز بەرگەن 24 قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ 14 قېتىملىقى ئافغانىستان مۇساپىرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان» دېگەن.

پاكىستاندىكى ئوردۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى تېلېۋىزىيە خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ ۋاقىتلىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سارفراز بۇگتى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «پاكىستاندا قانۇنلۇق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى يوق كۆچمەنلەرنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئايرىلىشى شەرت. بۇ مۆھلەتتىن كېيىن قالغانلار چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. بۇ ھەرىكەت پەقەتلا ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارنىلا نىشان قىلغان ئەمەس. پاكىستاندىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت بارلىق كۆچمەنلەرگە ئورتاق قارىتىلغان» دېگەن.

پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە، يىللار ئىلگىرى ئافغانىستاندىن قېچىپ كېلىپ، پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىگە يەرلىشىپ ياشاۋاتقان 20 گە يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسى بار بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلان قىلىشى يالغۇز پاكىستاندىكى تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارغىلا ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھېچقانداق پاسپورت ياكى ئىقامىتى بولماي تۇرۇپ پاكىستاندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارغىمۇ بىر سىگنال ئىكەن، شۇڭا بۇ خەۋەر راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتىكەن.

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندا قانۇنلۇق تۇرۇش رەسمىيىتى بولمىغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ قولىدا ياكى ئافغانىستان ۋە ياكى خىتاينىڭ پاسپورتى يوق ئىكەن. ئۇلار يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان. ئۆمەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قانۇنلۇق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى يوق بارلىق كۆچمەنلەرنى ئالدى بىلەن ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە پاكىستان تېررىتورىيەسىدىن ئايرىلىشقا، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا ئۇلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى 1960-يىللاردا خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك قەشقەر ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردىن ئافغانىستانغا كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. 1980-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى كەڭ كۆلەمدە ئافغانىستانغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئافغانىستاندىن قاچقان مىليونلىغان مۇساپىرلار بىلەن بىرلىكتە پاكىستانغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ قالغانىكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى پاكىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن بۇ ھەقتە ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تېلېفون ياكى ئېلخەت ئارقىلىق سورىغان سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرمىغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار «ئەگەر بىز ئافغانىستانغا كېتىشنى خالىمىساق، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىزنى خىتايغا قايتۇرىدۇ» دېگەن ئەندىشە ئىچىدە بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن ئابدۇلئەھەد ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بۇنىڭدىن 10 يىل ئاۋۋال راۋالپىندىدىكى «خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى»نىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ راۋالپىندىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىزىملاپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەيىرىدىن، قاچان، قانداق سەۋەبلەر بىلەن كەلگەنلىكى، ئىسىم-فامىلىسى، جان سانى ۋە ئۆي ئادرېسلىرىنى تىزىملاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىدە ئىلگىرى بۇ توغرۇلۇق ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ پاكىستاندىكى خىتايپەرەس جەمئىيەتنىڭ خىتايغا ماسلاشقان ھالدا ھەرخىل پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.  

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىقامەتسىز ئۇيغۇرلارنى «قانۇنسىز كۆچمەن» قاتارىدا پاكىستان چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىشى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ پاسپورتى ياكى كىملىك گۇۋاھنامىسى بولمىغان بۇ ئۇيغۇرلارنى قانداق تەرىقىدە ۋە قەيەرگە قوغلايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردىن 20 دىن كۆپ ئائىلە، 100 ئەتراپىدا كىشى بار بولۇپ، ئۇلار: «پاكىستاندىن قوغلانساق، بارار جايىمىز يوق» دېيىشمەكتىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رىچاردسون رادىيوغا قىلغان سۆزىدە دۇنيا جامائىتىنى پاكىستاندا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىپ: «بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىمۇ دەل شۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 6265 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2023 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق