ئىسرائىلىيەنىڭ «تۆمۈر گۈمبەز» ناملىق مۇداپىئە سىستېمىسى ئويلىغاندەك كېرەككە كەلمىگەن

ئىسرائىلىيەنىڭ «تۆمۈر گۈمبەز» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسىنىڭ ئويلىغاندەك ئىشلىمىگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇرۇش داۋامىدا ئېتىلغان راكېتالارنىڭ بىر قىسمىنى توسۇپ قالالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەر گىلوبالنىڭ 11-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە قاتتىق جىددىيلەشكەن بولۇپ، زاپاس ئەسكەرلىرىنى ۋەزىپىگە دەرھال قايتىپ كېلىشكە چاقىرغان بولۇپ، باش تارتقۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھاماسنىڭ ئەلقەسسام بېرىگادىسى 7-ئۆكتەبىر ئەتتىگەندىن باشلاپ ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا كەلكۈنى» ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشى ھازىرغىچە شىددەتلىك داۋام قىلماقتا. شۇنداقلا ھاماس ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنى ۋە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان پەلەستىن خەلقىنى بۇ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتكە بىۋاسىتە قاتنىشىشقا ۋە ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ «تۆمۈر گۈمبەز» ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى كۈتۈلگەندەك ئىشلىمىگەندىن باشقا، ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ مەغلۇپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بىخەتەرلىك تەتقىقات خادىملىرى ھاماسنىڭ نەچچە ئاي تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئىستىخبارات ئورگىنى موسادنىڭمۇ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خۇلاسىدە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ھاماسنىڭ شۇنچە ئەتراپلىق تەييارلىق ھەرىكىتىنى بىلمەي قېلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ھاماس ئەزالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ يانفون ياكى كومپيۇتېر ئىشلەتمەسلىككە ئادەتلەنگەنلىكى، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۆزگىچە شەكىلدە ئالاقە قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن ھەرىكەت پىلانىنىڭ تەييارلىقى ۋە ئىشقا ئېشىشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىسرائىلىيە ئىستىخباراتىنىڭ مەغلۇب بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى تەھدىت نۇقتىسىنى باھالاشتا خاتا قارار قىلغان دەپ قارالغان بولۇپ، ھاماسنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە 2021-يىلىدىن باشلاپ تەييارلىق قىلىشقا باشلىغانلىقى، شۇ يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان توقۇنۇشتىن كېيىنلا ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەييارلىققا تۇتۇش قىلغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەنلىكى، يېقىندا «ئەلقەسسام بېرىگادىسى»نىڭ ياغاچ پاراشوت بىلەن مانېۋىر قىلغانلىقى ھەققىدىكى سىنلار تارقالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن ياغاچ پاراشوت بىلەن مەشىق قىلغانلىقى، راكېتا ئوقلىرىنىڭ تونىللاردا ساقلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇندىن باشقا ئىسرائىليە ھىزبۇللاھنى كۈچلۈك تەھدىت دەپ باھالاپ، دىققىتىنى ھىزبۇللاھنىڭ ئالاقىدار ئىستىخبارات خىزمەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرگەن.

تەييارلىغۇچى : ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5931 قېتىم كۆرۈلدى
12/10/2023 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق