تەشكىلاتلار بىرلىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ كىشىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئادالەت تەرەپتە تۇرۇش ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىنسانىي بۇرچى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى ۋە يېقىنقى ھۇجۇملاردا پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان بالىلارنى، ئاياللارنى ئۆلتۈرۈش، چەكلەنگەن ئوق-دورا ئىشلىتىش قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا چوڭقۇر ھېسداشلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش، خەلقئارالىق قانۇنلارغا رىئايە قىلىش ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئەھدىنامىلەرنىڭ ئۆز رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەندىن سىرت، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى باياناتىدا يەنە خەلقئارا سىستېمىدىكى ساختىپەزلىك قىلمىشلىرىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەھەتتىكى مەغلۇبىيىتىنى، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى مەغلۇبىيىتىنى قەتئىي ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خەلقئارا جەمئىيەتنى جىددىي ۋە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، خەلقئارالىق قانۇنلاردىكى ئىنسان ھەقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا، ئىنسانىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى.

بۇ خەۋەر 4661 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2023 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق