ئىستانبۇلدا شېھىتلەرگە ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندە ئۆلتۈرۈلگەن شېھىتلار ئۈچۈن مەخسۇس دۇئا-تىلاۋەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، 16-ئۆكتەبىر خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان فاتىھ جامەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنى ئىمان ۋە ۋەتەن ئاساسىدا قىلىش كېرەكلىكىنى، ئىمان بىلەن ۋەتەن ئۇقۇمىنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەت داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان شېھىتلەرگە دۇئا قىلىش بىرگە، نۆۋەتتە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قارا-قويۇق بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرگە ئاتاپ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇشى، پەلەستىن خەلقىنىڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پاجىئەلىك ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5151 قېتىم كۆرۈلدى
17/10/2023 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق