ھاماس: ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇقتىن تاجاۋۇز قىلسا تونېللار ئارقىلىق يوقىتىمىز

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ھاماسنىڭ قەسسام بېرىگادىسى مەسئۇللىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقا سىن تارقاتتى.

سىندا ئەگەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن تاجاۋۇز قىلسا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى غەززەدىكى يوشۇرۇن يەر ئاستى تونىللار ئارقىلىق يوقىتىدىغانلىقىنى، يوشۇرۇن تونېلىدىن تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى تانكىدىن تارتىپ چىقىرىپ ئەسىرگە ئېلىپ، تونىلغا سولاپ يوقىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن ئۇچۇر بەرگەن.

ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 16-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆتكەن بىرنەچچە سائەت ئىچىدە غەززە رايونىغا نەچچە ئون قېتىم ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ۋە نىشاننىڭ ھاماسنىڭ ئادەملىرى ۋە بازىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، پەلەستىن دۆلەت ئاگېنتلىقى ۋە خەلقئارادىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى پۈتۈنلەي قارا-قويۇق بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى، بارلىق ھۇجۇملاردا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ نورمال پۇقرالار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4780 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2023 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق