تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ 17-ئۆكتەبىر كېچىدە غەززىدىكى ئەلمەئمەدانى دوختۇرخانىسىغا قىلغان ۋە 500 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باياناتىدا: «بىز ئىسرائىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ 17-ئۆكتەبىر غەززەدىكى ئەل ئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بۇ ھۇجۇمدا مىڭلىغان بىمارلار، دوختۇرلار، سەھىيە خادىملىرى ۋە بالىلار ھاياتىدىن ئايرىلدى. دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ سۇ، داۋالاش بۇيۇملىرى، يېمەكلىك ۋە باشقا ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى چەكلەش ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ.

74 يىلدىن بۇيان ئىشغالىيەت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىش قاتارلىق دۆلەت تېررورلۇقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق ۋەقەلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمىز ۋە خاتالىققا قارشى ئىنسانىي پوزىتسىيەدە بولماقتىمىز.

بىز بارلىق دۆلەتلەرنى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ۋە ئورگانلارنى زۆرۈر جازا يۈرگۈزۈشكە، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋە ياردەم كارىدورى ئېچىشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەر تىلغا ئېلىندى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باياناتىدا بولسا: «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولغان غەززەدىكى ئەل مەئمەدانى دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ۋە كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈزلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ شېھىت قىلىنىشىغا ۋە يۈزلىگەنلىرىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان قىرغىنچىلىقنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بۇ شەكسىزكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر ۋە پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر.

ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى توختىتىش  ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىنى جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھتىن يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيدۇ ۋە پەلەستىن خەلقىگە بۇ ئېغىر مۇسىبىتى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرىدۇ» دېگەن ئىپادىلەر ئورۇن ئالدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 3618 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2023 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق