ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانىغا قىلغان ۋەھشىي ھۇجۇمى دۇنيادا زىلزىلە پەيدا قىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان دەھشەتلىك بومباردىمانى توختاۋسىز داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، 17-ئۆكتەبىر كەچتە ئېلىپ بارغان يېڭى بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن غەززەدىكى ئەلمەئمەدانى دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىشى ۋە نۇرغۇن كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى دۇنيادا زىلزىلە پەيدا قىلدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرە دوختۇرخانىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، كۆپ سانلىقى بوۋاقلار، بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، 500 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەلجەزىرە قاتارلىق نۇرغۇن قاناللار مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلىرىنى نەق مەيداندىن تارقاتقان بولۇپ، بىر قانچە سائەت ئىچىدىلا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە كۆپلىگەن ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ پايتەخىتلىرى ۋە ياۋروپانىڭ بەزى شەھەرلىرىدە غەزەپلەنگەن مىڭلىغان كىشىلەر ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بومباردىماندىن كېيىن، ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 5112 قېتىم كۆرۈلدى
18/10/2023 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق