ئىستىقلال ئورگان ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى

يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشتا، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەڭ يېڭى ئۇچۇر-مەلۇماتلار، قىممەتلىك پىكىرلەر بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئىستىقلال ئاخبارات ۋە مېدىيا ئورگىنىنىڭ رەسمىي ئەپ دېتالى ئېلان قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاخبارات ساھەسى بويىچە خىزمەت قىلىشنى نىشانلىغان ئاخبارات ۋە مېدىيا ئورگىنى - «ئىستىقلال» 2008-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئىشەنچلىك، مۇھىم خەۋەرلەرنى، ئانالىزلارنى، سۆھبەت پىروگراممىلىرىنى سۇنۇپ كەلمەكتە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاكادېمىكلار، تەشكىلاتچىلار، پائالىيەتچىلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرى سۆھبەت پىروگراممىلىرىمىزغا قاتنىشىپ، قىممەتلىك پىكىرلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە ئورگىنىمىز «شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى، ئىستىقلال يازما خەۋەر تورى ۋە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق ئاكتىپلىق ۋە ئىزچىللىق بىلەن خىزمەت سۇنۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم سۇپا ۋە مەنبەگە ئايلاندى.

كۆرۈرمەنلىرىمىز، ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا سۇنۇۋاتقان يازما خەۋەرلەر، مۇھىم خەۋەرلەر، كۈندىلىك ۋە ھەپتىلىك ۋىدىيو خەۋەرلىرى، ئايلىق ژۇرناللار، كارىكاتۇرلار ۋە تۈرلۈك تېمىلاردىكى سۆھبەت پىروگراممىلىرىمىزنىڭ جەمگاھى بولغان مەزكۇر ئەپ دېتالىمىز ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى، ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا، ئانالىزلارغا تېخىمۇ ئاسان ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئېرىشەلەيدۇ.

 

ئاندرويىد نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئالما نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
بۇ خەۋەر 3738 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2023 14:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق