گوللاندىيەدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ۋە كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

21-22-ئۆكتەبىر كۈنلىرى گوللاندىيەنىڭ زايست شەھىرىدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ۋە كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يەرمەنكىنى چەتئەللىكلەر ۋە باشقا دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر زىيارەت قىلدى.

يەرمەنكىنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا كۆپلىگەن چەت ئەللىكلەر، فىرانسىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك خەلقلەر زىيارەت قىلغان.

بۇ يەرمەنكە زىيارەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر يېزا-بازارغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇرىدىغان ھالەتتە ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يەرمەنكىگە ئۇيغۇرچە كىتابلار، تۈرلۈك ئۇيغۇر تائاملىرى، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى قاتارلىقلار قويۇلغان.

يەرمەنكىدە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئۆزئارا تونۇشۇشقا يېتەكلەش ھەمدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى چەت ئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان. نۆۋەتتە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مەزكۇر يەرمەنكە گوللاندىيەدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان بولۇپ، باشقا دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ زىيارەت قىلىشقا باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4734 قېتىم كۆرۈلدى
23/10/2023 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق