ياشلار تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ خۇلاسە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

23-ئۆكتەبىر كەچتە ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنى خۇلاسىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، پىراكتىكانتلارنىڭ ئۈچ ئاي داۋاملاشقان كۇرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن تۈرلۈك ساھەلەردە سەرخىل ياشلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىدە بىلىم ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن قەدەم بېسىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ بۇ ئىكەنلىكىنى، ياشلارنىڭ پىراكتىكا جەريانىدىكى نەتىجىلىرىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان قىسقا فىلىم قويۇلدى. فىلىمدە سۆز قىلغان ئوقۇغۇچىلار بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسىدا كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ۋە ھېس قىلغانلىقىنى، ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بايان قىلىشتى. ئارقىدىن تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ھەرقايسى گۇرۇپپىلىرىدىكى پىراكتىكانت ۋەكىللىرى نۆۋەت بىلەن خىزمەت دوكلاتى سۇنۇپ ئۆتتى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى پىراكتىكانتلارغا گۇۋاھنامە ۋە خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسى جەريانىدا ئېرىشكەن ماددىي ۋە مەنىۋى نەتىجىلەرنى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق تەربىيەلەش پىلانلىرىنى بايان قىلدى. پائالىيەت جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ باشچىلىقىدىكى دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۇ خەۋەر 4962 قېتىم كۆرۈلدى
24/10/2023 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق