تۈركىستان شەھىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ 2024-يىللىق ساياھەت پايتەختى قىلىپ بېكىتىلدى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ساياھەت مىنىستىرلىرى 2024-يىلى قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ ساياھەت پايتەختى قىلىپ تەستىقلىدى.

سۇبمىت خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (OTS) باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىستان شەھىرىنىڭ ئۇنۋانىغا مۇناسىۋەتلىك قارار رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قارار تۈركىستان ساھىبخانلىق قىلغان خەلقئارالىق ساياھەت مۇنبىرىدىن چىقىرىلغان.

بۇ ھەقتىكى سۆھبەتتە رايونغا نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىش، بىرلەشمە ساياھەت بەرپا قىلىش، يىپەك يولى ساياھەت يولىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا سۆھبەت يىغىنىدىكى پىلاندا يەنە مارافونچە يۈگۈرۈش بىرلەشمىسى تەشكىللەش ۋە تۈركىيەدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت ۋە مېھماندارچىلىق مائارىپى ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىرلەشمىسى قۇرۇش پىلانىمۇ بار ئىكەن.

مۇنبەردە يەنە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا تەۋە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە بازار ئېچىش ۋە ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىلىم ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

تۈركىستان ھەزرىتى تۈركىستان ياكى يەسى دەپ ئاتالغان ئەھمەد يەسەۋىنىڭ دىيارى بولۇپ، تارىختا ھازىرقى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كەتكەن زېمىننىڭ ئومۇمىي ئىسمى بولغان، ھازىر قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى سەيخۇن دەرياسىغا يېقىن بىر شەھەر. ئۇ 2021-يىلى 31-مارت ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختى» دەپ ئېلان قىلىنغانىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىستان تارىختا شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمكى يىپەك يولى سودا يولىنىڭ مەركىزى بولۇپ، تۈركىستاننىڭ يىپەك يولى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىكەن. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ بۇنى تەشەببۇس قىلىشى قەدىمكى سودىگەرلەرنىڭ ئىزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي سودا ئالاقىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 15085 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2023 13:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق