تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى پىداكارلىرىدىن يەنە بىرى ۋاپات بولدى

تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ سابىق باش كاتىپى، ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ۋە لىۋىيە سودا كېڭىشى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى لوندوندىكى سىنان ۋرەن ۋەقفىنىڭ تۈركىيە رەئىسى مۇرات ياشا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.

ھاياتىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەزلۇملارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىغان، تۈركىيەنىڭ ئىنەگۆل ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان مۇرات ياشا يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغان بولۇپ، تۈركىيە ۋە چەت ئەللەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇپ قالغاندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن كۆپلىگەن ياشلارنى ھەرخىل ساھەلەردە تەربىيەلىگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، مۇرات ياشانىڭ ۋاپات خەۋىرىدىن چوڭقۇر قايغۇغا چۆمگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىدە ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن بىرگە، ئائىلىسى ۋە يېقىنلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

مۇرات ياشانىڭ جىنازا نامىزى 25-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ جامەلەردىن بىرى بولغان بۈيۈك چاملىجا جامەسىدە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، جامەگە يېقىن چاكال تېغى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ جىنازا نامىزى ۋە دەپنە مۇراسىمىغا تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋە جەمئىيەت رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى باش كاتىپىمۇ قاتناشتى.

جىنازا نامىزىدىن كېيىن IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ۋە باشقا تەشكىلات، جەمئىيەت رەھبەرلىرى مۇرات ياشانىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن، مەزلۇملار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى ئەسلەپ قىسقا سۆز قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئىستىقلال ئائىلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەرھۇم مۇرات ياشاغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز ۋە قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقان ئائىلىسىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 5068 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2023 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق