دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى قازاقىستاندا مۇكاپاتلاندى

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن قازاق شائىرى تاڭ جارىق تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر تۈركىيە ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتىتى چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتى ياپون تىل-ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى قازاق تارىخىي تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن «تاڭ جارىق ئەدەبىيات مۇكاپات مېدالى» ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «پەخرى گىراژدانلىقى»غا ئېرىشتى.

پائالىيەتتە قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىغا قازاق خەلقىنىڭ مىللىي كىيىملىرىدىن تون ۋە تۇماق كىيگۈزۈلدى.

دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 2023-يىلى 5-ئايدا تۈركىيەدە تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان «قازاق تۈركلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈشى» ناملىق كىتاب قازاقىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە قازاقىستان ئالىملار تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇكاپات نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تاڭ جارىق ئەدەبىيات مۇكاپات مېدالى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «پەخرىي گىراژدانلىق» مېدالى قازاقىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارغا بېرىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 4061 قېتىم كۆرۈلدى
26/10/2023 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق