تايلاندچە مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە غەلىبە قازانغان ماھىرلار تەقدىرلەندى

22-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قورقۇنچلۇق جەڭ كېچىسى» ناملىق ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە غەلىبە قازانغان ماھىرلار 25-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەقدىرلەندى.

تەقدىرلەش پائالىيىتىگە شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەربىر ماھىرغا شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى مەخسۇس تەييارلىغان خاتىرە بۇيۇم ۋە نەق پۇل تەقدىم قىلىندى. مۇسابىقىگە ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىدىن ئىككى كىچىك ماھىر ئەمرۇللاھ ئەھمەد، ئابدۇسەمەد تەۋەككۈل، ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خالىد ئاتامان قاتارلىقلار قاتنىشىپ، ھەممىسى رەقىبىنى يېڭىپ ئالتۇن بەلباغنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5261 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2023 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق