تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىللىرى شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا زىيارەتتە بولدى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرى مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەنتەربىيە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى ئابدۇخېلىل ئابدۇمەننان قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 25- ئۆكتەبىر شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا زىيارەتتە بولدى.

ھەيئەت شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى ۋە مىنىستىرلىقتىكى شەرقىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5467 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2023 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق