ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار 8000 مىڭغا يېقىنلاشتى

پەلەستىن سەھىيە تارماقلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا توختاۋسىز قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغا قەدەر 3000 دىن ئارتۇق كىچىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 8000 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلجەزىرە تورى 27-ئۆكتەبىر پەلەستىن سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا غەززە رايونىدا ھازىرغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ 7326 غا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3038 كىچىك بالا، 1726 ئايال ۋە 414 نەپەر ياشانغان كىشى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا 18 مىڭ 967 ئادەمنىڭ يارىلانغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار خارابىلىك ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان مىڭلىغان پەلەستىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

خەۋەردە شۇ جايدىكى تېببىي خادىملارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىلغۇنى قامال قىلىشى دوختۇرخانىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاجىز بوۋاقلار ۋە يارىدارلارنىڭ تېزلا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق بالا غەززە رايونىدا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى، بارغۇدەك بىخەتەر جاي يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، دورا ۋە توكنىڭ كەمچىل بولۇشى غەززە رايونىنىڭ مۇھىم سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە: «غەززەدىكى داۋالاش سىستېمىسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ناچار باسقۇچقا بېرىپ قالدى» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، غەززە تەرەپتىن قىلىنغان ھۇجۇملاردا ھازىرغىچە جەمئىي 1400 ئىسرائىلىيەلىك ئۆلگەن بولۇپ، 310 ى ئەسكەر ئىكەن. ئۇندىن باشقا 5132 ئىسرائىلىيەلىك يارىلانغان.

ئۇندىن باشقا ھاماسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قالايمىقان ھاۋا ھۇجۇمىدا ھازىرغىچە 50 كە يېقىن ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3479 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2023 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق