ئىستانبۇلدا پەلەستىن ئۈچۈن زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

7-ئۆكتەبىر باشلانغان ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى شىددەتلىك داۋام قىلىۋاتقان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قاتتىق بومباردىمان قىلىشى ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 8000 مىڭدىن ئاشقان بىر پەيتتە، 28-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان ۋە مىليونلىغان كىشى قاتناشقان بۈيۈك «پەلەستىن» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

پىرېزىدېنت ئەردوغان نۇتقىنى «قىرىمدىن-قاراباغقا، بوسنىيەدىن-كەركۈككە، پەلەستىندىن-تۈركىستانغا، ئافغانىستاندىن-چېچەنىستانغىچە بولغان كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ دەردى ئۈچۈن بىز كۆز يېشى تۆكتۈق، ئۆمرىمىز بىكارغا ئۆتمىدى ...» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىدى.

پىرېزىدېنت ئەردوغان سۆزىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەتچى رېجىم ئىكەنلىكىنى، قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئەمەس، ئاشكارا قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە غەربنىڭ ئۇكرائىناغا «تىمساھنىڭ كۆز يېشى»نى تۆككەن بولسىمۇ، غەززەگە كەلگەندە سۈكۈتنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە «ئۇرۇش توختىشى ئۈچۈن يەنە قانچىلىك كىچىك بالا ئۆلۈشى كېرەك؟» دەپ سوئال قويدى.

ئەردوغان سۆزىدە يەنە ئىسرائىلىيەنى يېقىندا ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن بارلىق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەي ئىسرائىلىيە! غەربنىڭ ساڭا قەرزى كۆپ، شۇڭا ئۇلار سېنى جان جەھلى قوللايدۇ. ئارقاڭدا تۇرىدۇ. ئەمما تۈركىيەنىڭ ساڭا قەرزى يوق» دېدى.

ئەردوغان پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، بۇ سۆزىدىن بىئارام بولغان ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «1947-يىلى غەززە پەلەستىننىڭ قەيىرى ئىدى، بۈگۈن قەيىرى؟ بۈگۈن نېمە بولدى؟ ئى ئىسرائىلىيە! سەن بۇ يەرلەرگىچە قانداق كەلدىڭ؟ بۇ يەرلەرگە قانداق كىردىڭ؟ سەن بىر ئىشغالىيەتچىسەن ۋە بىر گۇرۇھسەن» دېدى.

ئەردوغان غەرب دۇنياسىنىڭ غەززەدىكى كىچىك بالىلار، ئاياللار ۋە بىگۇناھلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنى يوللۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سىياسەتچىلىرىدىن تارتىپ-ئاخبارات ئورگانلىرىغىچە سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشكارا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھازىر بىز بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭ ئۈستىدە تىرىشىۋاتىمىز ۋە ئىسرائىلىيەنى ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرىمىز» دېدى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. بۇ كۈندە يەنە ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ يۈز مىڭلىغان كىشى قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 3322 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2023 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق