تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەندى

29-ئۆكتەبىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ۋە چەت ئەللەردىكى تۈركىيە ئەلچىخانىلىرىدا مەخسۇس پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلەندى.

پايتەخت ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇل 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىكلىنىدىغان ئىككى مۇھىم مەركەز بولدى. پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان ۋە دۆلەت ئەركانلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان بىرىنچى پارلامېنتتا ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە پارلامېنتىدىن ئۇلۇس مەيدانىغا «جۇمھۇرىيەتنىڭ 100-يىلى» ناملىق پارات ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ ئۈستىدە ئايروپىلان ئۇچۇش نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

ئارقىدىن ئىستانبۇلدا TCG ئانادولۇ بىلەن بىرلىكتە 100 ئۇرۇش پاراخوتى بوسفوردىن ئۆتۈپ، جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ رەسمىي پارات ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە تىك ئۇچارلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ماتروسلار پىرېزىدېنت ئەردوغانغا سالام بىلەن ھۆرمەت بىلدۈردى.

ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ F-16 ۋە F-4 ئايروپىلانىنىڭ ھەمراھلىقىدا رەسمىي پاراتتىن ئۆتۈش جەريانىدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانلىق ئورگىنى تەرىپىدىن 101 زەمبىرەك ئېتىلدى.

شۇ كۈنى يەنە پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتتە پىرېزىدېنت ئەردوغان پۈتۈن دۆلەت ئەربابلىرى، ئۆكتىچى پارتىيە رەئىسلىرى، چەت ئەل ئەلچىلىرى، سەنئەت، تەنتەربىيە ۋە سودا قاتارلىقلاردىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئورگىنىدىن ئەڭ كىچىك مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگىچە تاللانغان شەخسلەرنى سارايدا كۈتۈۋالدى.

ئەردوغان ئىستانبۇل بوغۇزى ساھىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە: «بىز 1923-يىلى 29-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان جۇمھۇرىيىتىمىز بۈگۈن بىرىنچى ئەسىرنى تاماملاپ، بىز "تۈركىيە ئەسىرى" دەپ ئاتىغان ئىككىنچى ئەسىرگە قاراپ يولغا چىقتى» دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «تۈركىيە خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۈگۈن باشقىچە پەخىرلىنىش ۋە ھاياجانلىنىشنى باشتىن كەچۈرمەكتىمىز. جۇمھۇرىيىتىمىز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دۆلەت ئەنئەنىمىزدىكى يېڭى ئۇلىنىشى بولۇپ، بىز بۇ تۇپراقلاردا قۇرغان تۇنجى دۆلەت ئەمەس، ئەڭ ئەڭ ئاخىرقى دۆلەتتۇر» دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەرنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىكى تۈركىيەنىڭ مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە ھەرقاچان تۈركىيەنىڭ زالىمنىڭ سېپىدە ئەمەس، بەلكى مەزلۇمنىڭ سېپىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغاننىڭ سۆزىدىن كېيىن، يۈزلىگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ 100 يىللىقىغا ئاتالغان تەبرىك سۆزلىرى ۋە گۈزەل شەكىللەرنى ھاسىل قىلىپ، خەلقنى ھاياجانغا سالدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 3786 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2023 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق