مالايشىيانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ئەلچىسى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستان ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 30-ئۆكتەبىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستان ئالاھىدە ئەلچىسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى داتو ئەھمەد ئەززام ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

كۆرۈشۈشتە مېھمانلارغا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى.  ئارقىدىن ئىككى تەرەپ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5207 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2023 12:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق