داغىستان خەلقى ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيەنىڭ داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ماخاچكالا ئايرودۇرۇمىغا قونغانلىقىنى ئاڭلىغان خەلق ئايرودۇرۇمغا بېسىپ كىرگەن بولۇپ، غەزەپلەنگەن خەلق بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 20 كىشى يارىلاندى.

ت ر ت خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەلىك يولۇچىلارنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقىنى ۋە ئايروپىلاننى دەرھال تېل ئاۋىۋغا قايتۇرۇۋېتىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشچىلار بىخەتەرلىك توسۇقلىرىنى بۆسۈپ، ئۇچۇش يولىغا كىرگەن بولۇپ، خەلق بىلەن بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 20 كىشى يارىلىنىپ، 60 كىشى نازارەتكە ئېلىنغان. توقۇنۇشتا ئايرودۇرۇمنىڭ بەزى دېرىزە ۋە ئىشىكلىرى چېقىلغان

رۇسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ماخاچكالا ئايرودۇرۇمىدا ۋەقە سەۋەبلىك 6-نويابىرغىچە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4458 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2023 12:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق