ھاماس 43 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ 67 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن

ھاماسنىڭ ھەربىي قىسىمى بولغان ئەلقەسسام بىرىگادىسى 31-ئۆكتەبىر غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر قانچە رايوندا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن جىددىي جەڭ قىلىپ ئەجەللىك زەربە بەرگەن بولۇپ، 43 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ، 67 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ نەق مەيدان خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەلقەسسام بىرىگادىسى سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئاخبارات سۇپىلىرى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بەيت ھانۇنغا (غەززەنىڭ شەرقىي شىمالى) قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشىغا يول ئاچىدىغان توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ۋە ئەسكەرلەرگە ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھاماس ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە قىسقا سىن تارقاتقان بولۇپ، سىندا ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى كۆرسىتىلگەن. ئېيتىلىشىچە، بەيت ھانۇنغا ھۇجۇم قىلغان 43 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئەسىرگە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 26 ئەسىر دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكەر، 17 ئەسىر بولسا ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەسكىرى ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئىسرائىلىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكەرلىرىدىن 67 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەن. 

ئەلقەسسام بىرىگادىسى باياناتىدا يەنە سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مارس ھەربىي رايونىدىن باشقا كىببۇت نىرىم قاتارلىق ئورۇنلارغا مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 31-ئۆكتەبىر غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيا رايونىغا ھەر بىرى بىر توننا ئېغىرلىقىدىكى ئالتە بومبا تاشلىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىچىك بالا ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى توقۇنۇش جەريانىدا 11 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ھازىرغا قەدەر  8525 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3542 كىچىك بالا، 2187 ئايال بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە 21 مىڭ 543 كىشى يارىلانغان.

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 2000 غا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1100 بالا ئىسرائىلىيە بومبىسى ۋەيران قىلغان خارابىلىك ئاستىدا قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5115 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2023 13:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق