ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى ۋە ھاماسنىڭ قارشىلىقى شىددەت بىلەن داۋاملاشماقتا

ھاماس قىسىملىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن بېسىپ كىرىشىگە داۋاملىق شىددەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، ئەلقەسسام بىرىگادىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىر نەچچە ئولتۇراق رايونى ۋە شەھەرلىرىنى زەربە نىشانى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 1-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پەلەستىندىكى قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «قۇددۇس بىرىگادىسى» باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن كىببۇتز سۇفادىكى ئىسرائىلىيە ھەربىي مەركىزىنى نىشانلىغان ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قانچە ئولتۇراق رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقى ھەققىدە قىسقا سىن تارقاتقان.

ھاماسنىڭ ھەربىي قىسمى بولغان ئەلقەسسام بىرىگادىسى بولسا چارشەنبە كۈنى غەززەدىكى زەيتۇن مەھەللىسىنىڭ شەرقىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىرونېۋىكلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا بەيت ھانۇندىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئەلقەسسام بىرىگادىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز ئەل زەيتۇن مەھەللىسىنىڭ شەرقىگە بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنى ئەل ياسىن 105 زەمبىرىكى بىلەن ۋەيران قىلدۇق» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشقان قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 327 گە يەتكەن. 31-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كۆپ يۆنىلىشتىن غەززە رايونىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، كەسكىن جەڭلەر توغرىسىدا بىر نەچچە قېتىم بايانات ئېلان قىلغان ئىسرائىلىيە ئارمىيە باياناتچىسى چارشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تارتقان زىيىنىنى «ئازابلىق بولدى» دەپ سۈپەتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4852 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2023 13:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق