قازاقىستان ئومۇمىي نوپۇس ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

قازاقىستان دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمىي نوپۇس ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 300 مىڭغا يېقىنلاشقان.

قازاقىستان خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-نويابىر قازاقىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تور بېكىتى نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا 2021-يىلىدىكى پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، قازاقلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %70.4 نى ئىگىلىگەنلىكى، 2009-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە سېلىشتۇرغاندا، قازاقلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليوندىن 13 مىليون 400 مىڭغا كۆپىيىپ، %33.7 ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ قازاق نوپۇسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدىكى نىسبىتىدە %63.1 تىن %70.4 كە ئۆرلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە دۆلەتتىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئەھۋالىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئىچىدە قازاقلاردىن قالسا نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت رۇسلار بولۇپ، سانى 2 مىليون 900 مىڭ ئىكەن. ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئۆزبېكلەر بولۇپ، سانى 614 مىڭ ئىكەن. تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئۇكرائىنلار بولۇپ، سانى 387 مىڭ ئىكەن. ئۇيغۇرلار بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، سانى 290 مىڭ ئىكەن.

ئەمما قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار توغرا ئەمەس بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4903 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2023 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق