ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە ئىيوردانىيە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇنجى بولۇپ ھەرىكەت قىلدى

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان بومباردىمانىغا قارشى ھەرىكەت قىلغان دۆلەت ئىيوردانىيە بولدى.

يەرشارى خەۋەرلىرى قانىلىنىڭ 2-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان دەھشەتلىك ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇنجى ھەرىكەت قىلغان دۆلەت ئىيوردانىيە بولغان بولۇپ، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن سەفادىي ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىيوردانىيە باش ئەلچىسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قايتىشى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلغان.

يېقىندا ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سۇدان، بەھرەين قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى بارغانچە كۈچەيگەن بولۇپ، كوچىغا توپلاشقان خەلق ھۆكۈمەتنى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى بىكار قىلىشقا چاقىرماقتا.

ئۇندىن باشقا، كولومبىيە رەئىسى گۇستاۋا پېترو ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن خەلقىنى قىرغىن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى رولادا سىلىۋامۇ: «بۇ ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى قىرغىنچىلىق» دېگەن. بولىۋىيە ھۆكۈمىتى بولسا 31-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4976 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2023 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق