تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى خەلقئارا ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 3-نويابىر خەلقئارا ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇتىۋەللى ھەيئىتىنىڭ رەئىسى مازلى مالىك  ۋە مۇدىرىيەت رەئىسى سەيىد ئازمان نەۋەۋى بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قىلىنىۋاتقان ۋە بىرلىكتە قىلىنماقچى بولغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاخىرىدا تەشكىلاتلار بىرلىك ھەيئىتى مازلېي مالىك ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5349 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2023 11:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق