تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيادا زىيارەتتە بولدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 5-نويابىر مالايشىيا ئىكرام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى خەيرۇل ئەنۋەر قەمەرۇددىننى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا خەيرۇل ئەنۋەر قەمەرۇددىن ئەپەندى بىلەن تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كەلگۈسىدە مالايشىيا ياشلىرى بىلەن قىلماقچى بولغان پائالىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك ساھەدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى.

ھەيئەت 5-نويابىر يەنە ھالۇۋان تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەزىز مات ئەلىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت داۋامىدا ھالۇۋان تەشكىلاتى بىلەن قىلماقچى بولغان پائالىيەتلەر ۋە تۈرلۈك ساھەدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مەسلىھەت ۋە مۇزاكىرە قىلدى. ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.

ھەيئەت 5-نويابىر يەنە ئاماناھ نېگارا پارتىيەسى ياشلار شۆبىسىنىڭ رەئىسى ۋە مالايشىيا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھاسبى مۇدانىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى مالايشىيادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان خىزمەت تەرتىپلىرى ۋە قەدەم باسقۇچىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.

ھەيئەت 5-نويابىر يەنە مالايشىيا ئىسلام تەشكىلاتلىرى شۇرا كېڭىشىنىڭ رەئىسى جىگۇ موھدئەزمى ئابدۇلھەمىدنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا مالايشىيا خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ئاكتىپ تونۇشتۇرۇشنىڭ يوللىرى ۋە كەلگۈسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4837 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2023 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق