ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلماقتا

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنى قاتتىق بومباردىمان قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 10 مىڭ پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇلارنىڭ يېرىمى ئاساسەن بالىلار ئىكەن.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاماس تەرەپ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر قانچە دوختۇرخانىنىڭ ئەتراپىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا تېلېفون ۋە تور ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەلقەسسام بىرىگادىسى 5-نويابىر ئىسرائىلىيەنىڭ شەھەرلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان بولۇپ، غەززەدىكى بىر نەچچە ئىسرائىلىيە ماشىنىسىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بار رايونغا مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، 27-ئۆكتەبىر غەززەدە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 30 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن. باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە ئۆلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 300 دىن ئاشقان.

بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قىرغىن قىلىش قىلمىشى خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. 5-نويابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن رامئاللاھتا پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە مەھمۇد ئابباس پەلەستىن پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋاتىكاندا پاپا فىرانسىس 5-نويابىر ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشنى توختىتىش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ۋە غەززەگە ياردەم بېرىش چاقىرىقىنى يېڭىلاپ، ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 5-نويابىر كەچتە غەززە رايونىنى ئىككىگە بۆلگەن بولۇپ، غەززدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىسرائىلىيە ھەربىي باياناتچىسى ھاگارى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسقا قارشى ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4020 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2023 16:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق