ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

33 كۈندىن بۇيان غەززەنى توختىماي بومباردىمان قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. 

ئەلجەزىرە تورى بۈگۈن پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى «ۋافا» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەندە ئىسرائىلىيە ئايروپىلانى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسەيرات پاناھلىنىش ئورنىنى بومباردىمان قىلغان.

يەرلىك كىشىلەرنىڭ «ۋافا» غا ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىنىڭ مەركىزىدىكى نۇسەيرات پاناھلىنىش ئورنىنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، بىر تۈركۈم كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇنلىغان كىشى يارىلانغان. يارىدارلار غەززە رايونىنىڭ مەركىزىدىكى ئەقسا شەھىدلەر دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن. بىر تۈركۈم كىشىلەر ۋەيران بولغان خارابىلىك ئاستىدا قالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس ۋىلايىتىدىكى بىر قانچە رايون ۋە غەززەنىڭ شەرقىدىكى ئەششىجائىيە مەھەللىسىگە جايلاشقان ئەتتەۋۋابىن رايونىدىكى ئائىلىلەرنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 7-ئۆكتەبىردىن ھازىرغىچە، ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا 10 مىڭ 328 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 4 مىڭ 237 كىچىك بالا، 2719 ئايال بار ئىكەن. شۇنداقلا  26 مىڭدىن كۆپ كىشى يارىلانغان.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ ئېغىر قەتلىئامغا قارشى تۈرلۈك نارازىلىق چاقىرىقلىرى ۋە نامايىشلار داۋام قىلماقتا. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3825 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2023 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق