ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر تەنتەربىيە يىغىنى تۈركىستاندا باشلاندى

ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر تەنتەربىيە يىغىنى قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە باشلاندى.

قازاق خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 6-نويابىر قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە 2-نۆۋەتلىك دۇنيا تۈركىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ پائالىيەتنى قازاقىستان ئالىي مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن بولۇپ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سادى جافاروف، قازاقىستان ئالىي مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن مىنىستىرى ساياسات نۇربېك ۋە تۈركىستان رايونىنىڭ ۋالىيسى دارخان ساتىبالدى قاتناشقۇچىلارغا ياخشى تىلەكلىرىنى تىلىگەن.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا قازاقىستان، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە ۋېنگرىيەدىن كەلگەن 450 كە يېقىن كىشى قاتناشقان.

تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقە جەريانىدا تىكتاك توپ، چويلا توپ، شاھمات، ۋالىبول، پۇتبول، ئەركىن چېلىشىش ۋە گىرېتسىيە-رىمچە چېلىشىش قاتارلىق يەتتە تۈردە مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن.

مۇسابىقە تۈركىستان ئولىمپىك مەركىزى ۋە خوجا ئەھمەت يەسەۋى خەلقئارا قازاقىستان-تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر 10-نويابىر ئېلان قىلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4824 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2023 12:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق