تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدىن خىتايغا بېسىم قىلىش تەلەپ قىلىندى

تۈرك ھەمكارلىق ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن «5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار قۇرۇلتىيى» ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىننى يەنە تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات ئەسەرلىرى ئىگىلىرى جەمئىيىتى، چەت ئەلدىكى تۈركلەر بىرلىك ، ئاتاتۈرك تىل ۋە تارىخ ئالىي ئىنستىتۇتى، تۈرك تارىخ جەمئىيىتى، تۈرك تىل جەمئىيىتى، تۈركسوي، خەلقئارا سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن جەمئىيىتى، دەرسلىك ۋە مەدەنىيەت كىتابلىرى نەشر قىلغۇچىلار نەشر ھوقۇقى ۋە ئىجازەتنامە جەمئىيىتى ۋە كېچىئۆرەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت قاتارلىق ئورگانلارمۇ يېقىندىن قوللىغان بولۇپ، 6-نويابىردىن 8-نويابىرغىچە ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئىراق، ئىران، كوسوۋو، شىمالىي ماكېدونىيە، سۇرىيە، گاگازىيە، تۈركمەنىستان، تاتارىستان، باشكورتوستان، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، ۋېنگىرىيە، ئالبانىيە، گىرېتسىيە، تۈركىيە قاتارلىق 19 دۆلەتتىن 100 شائىر ۋە يازغۇچى-ئاكادېمىك قاتنىشىشى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى تۈرك دۇنياسىدىكى ئالىملار ۋە يازغۇچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش، تونۇشتۇرۇش ۋە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق رىشتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپ، قۇرۇلتايدا ئەقلىي ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى، كىتاب ئوقۇش مەدەنىيىتى، بالىلار ئەدەبىياتى، تەرجىمە مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش قارار قىلىندى، شۇنداقلا  ئورتاق تىل ۋە ئورتاق ئېلىپبە مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بۇ مەسىلىدە ھەل قىلىش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تۈرك مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقلەر ۋە جامائەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇشنى بېيىتىش ئارقىلىق، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بايلىقىنى نامايان قىلىش ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋرگە ئاساسەن ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن قەدەم تاشلاندى.

قۇرۇلتايدا يەنە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاتالمىش «ئاپتونومىيە قانۇنى»دا ئورۇن ئالغان ئانا تىلدىكى مائارىپ ھەققىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا قارار ماقۇللاندى ۋە تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىندى.

يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن قارارنىڭ 11-ماددىسىدا: «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا قالغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى، بولۇپمۇ ئانا تىلدا مائارىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۈچ چىقىرىشى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن تۈركىيە باشلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى، ئانا تىل دەرسلىك كىتابى، تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن سىن، ھۆججەتلىك فىلىم ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللار تەييارلاش قارار قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى.

بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان داڭلىق تۈركولوگ، پېنسىيەگە چىققان پىروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆز قىلىپ: «مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ناملىق ئەسىرىنى بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن نەشر قىلدۇرغانىدۇق. كېيىنچە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىندى. بۇ توغرىلىق نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەر يېزىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تىللىرى چەكلەندى. ئۇلارنىڭ ئانا تىلدا مائارىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرى ۋە تۈركىي خەلقلەر خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىشى كېرەك» دېگەن.

ئىلىم ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ساھىبلىرى بىرلىكى رەئىسى مەھمەد نۇرى پارماقسىز ئەپەندى بولسا بۇ قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان قارارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا خەت يازىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە «پەقەتلا مۇستەقىل بولغان تۈركىي مىللەتلەرلا ئەمەس، بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلىرى بار دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغىمۇ بۇ قارارنى يوللايمىز. خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا تىلدا مائارىپى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر دۇنيانى ئالداشقا تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن بىزنى ئالدىيالمايدۇ. بۇ دۆلەتلەر تور دۇنياسىغا ئىشىكىنى ئېتىۋالدى. قىلمىشلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆرۈشىنى توسۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇنى يوشۇرالمايدۇ» دېگەن.

ئىككى يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان مەزكۇر يىغىننىڭ 6-نۆۋەتلىكىنى 2025-يىلىدا ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 6490 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2023 13:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق