بۇرسادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى بولغان 12-نويابىر تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدە تۈرك دۇنياسى يۆرۈك تۈركمەن بىرلىكى تەرىپىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «جىمجىت نالە (بىر قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېكايىسى)» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى، تۈرك دۇنياسى يۆرۈك تۈركمەن بىرلىكى باش كاتىپى جامال ئاققۇش، بىرلىك رەئىسى ئىرفان تاتلىئوغلى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن شەۋكەت ئورخان، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى فاتىھ ئاجار ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ۋەيسەل چەرمى، بۇرسادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەرساھەدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشتى.

مۇراسىمدا تۈرك دۇنياسى يۆرۈك تۈركمەن بىرلىكى رەئىسى ئىرفان تاتلىئوغلى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئابدۇرېھىم خەلىلئوغلىغا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا قارشىلىقنىڭ سىمۋولى بولغان تۇماق سوۋغا قىلدى ۋە قىلغان سۆزىدە: «بۇ تۇماق بىزنىڭ كۈرىشىمىزنىڭ سىمۋولى. ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بار، ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇنكى، بىز ھەقىقەت تەرەپتە» دېدى.

ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئابدۇرېھىم خەلىلئوغلى سۆز قىلىپ: «ۋەتىنىمىز ھازىر ئىشغالىيەت ئاستىدا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىز ھامان بىر كۈنى ھەقىقەتنىڭ غالىب كېلىپ، باتىلنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز ھەم خۇشال، ھەم قايغۇغا تولغان بۇ كۈندە بىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىڭلار ۋە بىز بىلەن بىللە بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

ئارقىدىن تۈرك دۇنياسى يۆرۈك تۈركمەن بىرلىكى باش كاتىپى ۋە فىلىمنىڭ رېژىسسورى جامال ئاققۇش سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ بۇ مۇراسىمغا قاتناشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ كۆپىنچە كىشىلەر ئويلىغاندەك 2010-يىلدىن كېيىن ئەمەس، 1940-يىللاردىن باشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاققۇش سۆزىدە يەنە: «دۇنيانىڭ نەرىدە بىر توقۇنۇش، ئۇرۇش بولسا، بۇ يەنىلا ھىلال ئاينىڭ كۈرىشىدۇر. بۇ كۈرەش ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى، ھەق بىلەن ناھەقچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى، ئىنسانلىقىنى يوقاتمىغانلار بىلەن كىچىك بالا، قېرى-ياش دېمەستىن قىرىپ تاشلايدىغان ياۋۇزلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر» دېدى.

ئاككۇش مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە سۆز قىلىپ: «زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي رېجىمى، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقى. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بولغان ئىشلارنى تارىخىي خۇلاسە بىلەن سەھنىگە ئېلىپ چىقىش. فىلىمدە ئۇ يەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا تېلېفونلىرى بىلەن سۈرەتكە ئېلىۋالغان كۆرۈنۈشلەرمۇ بار» دېدى.

ئارقىدىن ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار ئايرىم-ئايرىم سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى ۋە: «بۇ يەرگە جەم بولۇشىمىزنىڭ سەۋەبى ئازابلىرىمىزنى ئورتاقلىشىش. ئەلۋەتتە، بۇ ئازاب مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ. ياشلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدىكى نۇرغا قارىساق، ئۇنى كۆرەلەيمىز. بۇ ياشلار بىز قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ» دېيىشتى.

ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەردەم ئۆزدېمىر: «بەختكە قارشى، ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستاننى قوللىمايدۇ، ئەمما چوقۇم قوللىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇ دۆلىتىمىز بۈگۈن ھايات بولغان بولسا، بىز بۇ پائالىيەتلەرنى ئەتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىدا ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن تەبرىكلىگەن بولاتتۇق» دەپ سۆزىنى باشلىدى ۋە: «بىز پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى، قەيەردە بىر تۈرك بولسا، ئۇ يەرنىڭ مۇستەقىل تۈرك ۋەتىنى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ، تۈرك خەلقىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇرسا شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى شەۋكەت ئورخان سۆزىدە: «دۈشمەنلەر ھەرقانچە تىرىشسىمۇ تۈرك خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ياخشى ئەخلاقنى دۇنياغا داۋاملىق تارقىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە: «بىز بارلىق زېمىنىمىزنى قان بىلەن ئالدۇق، قان بىلەن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ھېچكىم بۇنىڭدىن گۇمانلانماسلىقى كېرەك. بىز ئۇلارغا ئوخشاش بالىلارنى ياكى بىمارلارنى ئۆلتۈرمەيمىز، ئەمما ئۇلار ھەر خىل رەھىمسىزلىكلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۆتمۈشتىن ئۆچ ئالماقچى، ئۇلار بالىلىرىمىزنى ۋە ياشلىرىمىزنى خىتايلاشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارغا ئوخشاش قىلمايمىز، ئەمما كۈرىشىمىزنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيە بايراقلىرى لەپىلدىگەن سەھنىدە داڭلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇچراشقاندا» ناملىق شېئىرىنىڭ دۇتار بىلەن ئورۇنلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 6006 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2023 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق