ھىرا تىككۈچىلىك تەربىيەلەش مەركىزى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ھىرا تىككۈچىلىك تەربىيەلەش مەركىزى 14-نويابىر 13-قېتىملىق تىككۈچىلىك كۇرسىدا تەربىيەلەنگەن 45 ئوقۇغۇچىسىنى ئۇزاتتى.

مۇراسىمغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىلى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ۋەكىلى ۋە شۇنداقلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن خانىم-قىزلار ئىشتىراك قىلدى.

ھىرا تېخنىكا ۋە تەرەققىيات ۋەقفى ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئانا تىل مەكتىپى ۋە ھەرخىل كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەلىم-تەربىيە ساھەسىگە ھەسسە قوشۇش بىلەن بىرگە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھەرخىل كەسىپلەردە، خۇسۇسەن تىككۈچىلىك كەسپىدە تەربىيەلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تىككۈچىلىك كۇرسىدا ھازىرغىچە 13 قارار ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4621 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2023 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق