شى جىنپىڭنىڭ قوغدىغۇچىلىرى يولسىزلىقىنى ئامېرىكىدىمۇ داۋاملاشتۇردى

خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ سان-فىرانسىسكوغا يېتىپ بارغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىغا قارشى نارازىلىق نامايىشىدا نامايىشچىلار شى جىنپىڭنىڭ قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈلدى.

14-نويابىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭلۇقلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىشقا چىققان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى جەمئىيەتلىرى سان فىرانسىسكو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن سان فىرانسىسكو شەھىرىگە بارىدىغان يولدا ئۆزئارا تىركىشىپ قالغان.

شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت توققۇز ئەتراپىدا دېموكراتىيەنى قوللىغۇچى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئايروپىلانغا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا قارشى چوڭ بايراقنى ئېسىپ، سان فىرانسىسكو ئاسمىنىدا ئۇچۇپ شى جىنپىڭنى زىيارىتىگە قارشى نامايىش قىلغان. ئايروپىلانغا ئېسىلغان پىلاكاتقا «خىتاي كومپارتىيەسىنى يوقىتايلى، خىتايغا ئەركىنلىك، خوڭكوڭغا ئەركىنلىك، تىبەتكە، ئۇيغۇرغا ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلار يېزىلغان.

شى جىنپىڭنىڭ ماشىنا ئەترىتى ئۆتىدىغان يولغا يىغىلغان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «شى جىنپىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات»، «خىتايغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان بولۇپ، مەزكۇر نامايىشچىلار بىلەن شى جىنپىڭنى قارشى ئالغىلى چىققان خىتايلار ئارىسىدا تىركىشىش يۈز بەرگەن. شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودىكى ساينىت رېگىس مېھمانخانىسىغا چۈشكەن بولۇپ، مېھمانخانىنىڭ ئەتراپى قاتتىق قوغدالغان. نامايىش جەريانىدا بەزى نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي قوغدىغۇچى خادىملىرى تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ يارىلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2402 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2023 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق