ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بايدېن-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىنمۇ، تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن 16-نويابىر ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن. مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەت ئەسلىگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى كىربىمۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى»غا داۋاملىق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەننى ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا يېتەرلىك قوراللار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ نىككېي ئاسىيانى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئوستىن پەيشەنبە كۈنى جاكارتادا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى مەزگىلىدە تاراتقۇلارغا: «بىز تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىغا ئاساسەن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم قىلىمىز» دېگەن.

ئوستىن 15-نويابىر يەنە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن بىلەن خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ھەر قانداق مەسىلىنىڭ بۇ ئىشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇندىن باشقا، ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرغۇچىسى كىربىمۇ 16-نويابىر تاراتقۇلارغا ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى»غا داۋاملىق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەننى ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا يېتەرلىك قوراللار تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاقساراي يەنە «بىر خىتاي سىياسىتى»نىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋنىڭ 17-نويابىر مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەشنى، خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش»نى توختىتىشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2418 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2023 10:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق