ئەردوغان تۈرك مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىمۇ تىلغا ئالدى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 18-نويابىر ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 62-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىمۇ تىلغا ئالغان.

تۈركىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت ئەردوغان 18-نويابىر ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 62-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ۋە يىغىندا قىلغان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىمۇ تىلغا ئالغان.

ئەردوغان مەملىكەتلىك تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىنىڭ 1916-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، تارىختىن بۇيان ئەگىر-توقاي يوللارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، بىرلەشمىنىڭ چاناق قەلئە مۇجادىلىسىدىن باشلاپ، كۆپلىگەن رايونلارغا كېڭەيگەنلىكىنى، بۇ جەريانلاردا تۈركىيە بۇلغارىستاندىكى تۈرك مازارلىقىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇش، ھاتاينى ۋەتەننىڭ قوينىغا قايتۇرۇشتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىگە قارشى كۈرىشىگىچە، سىپرۇس مەسىلىسىگە ئىگە بولۇشتىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتىغىچە، ئاياسوفىيە جامەسىنىڭ قايتا ئىبادەتكە ئېچىلىش دەۋاسىدىن بۈيۈك تۈركىيە كۈرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىگىچە كېڭەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5056 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2023 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق