ئەرەب ئەللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى كىشىلەرنى ئېچىندۇرماقتا

خىتاي رېجىمى ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان ئىككى يۈزلىمىچى سىياسىتى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئالداشقا ۋە پەلەستىننى قوللىغان قىياپەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئەرەب دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى پەلەستىن مەسىلىسى ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تورىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭغا زىيارەتكە كەلگەن مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فەرھان، ئىيوردانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن سەفادى، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۈكرى، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېيتنو مارسۇدى، پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياز مالىكى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن.

ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن ۋاڭ يى ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ خىتاينى خەلقئارادىكى مۇرەسسە مەسىلىسىدە بىرىنچى بېكەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاشتەك ئەنئەنىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى دوستى ئىكەنلىكىنى، پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئادىل ئىشلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن توقۇنۇشىدا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ بىلجىرلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 21-نويابىرغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي بىلەن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ پەسىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرالارنى قوغداش، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئادىل ھەل قىلىش قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەتلىشىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1887 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2023 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق