ئەردوغان تۈركىيەنى «ئىرقداشلىرىغا يۈز ئۆرۈش» بىلەن ئەيىبلىگۈچىلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 20-نويابىر كەچتە پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى ۋە تۈركىيەنى «ئىرقداشلىرىغا يۈز ئۆرۈش» بىلەن ئەيىبلىگۈچىلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇ سۆزىدە: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەقەتلا چېگرالىرىمىز ئىچىدىلا ئەمەس، چەت ئەللەردىمۇ مەزلۇمنىڭ، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ، ئېزىلگەنلەرنىڭ، زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلارنىڭ يېنىدا بولىمىز» دېدى ۋە: «تۈركىستاندىن-ئافغانىستانغىچە، بالقانلاردىن-ئافرىقىغىچە قەيەردە كۆزى ياش بىلەن تولغان، كۆڭلى سۇنۇق بىرى بولسا، تۈركىيەنىڭ شەپقەت قولى شۇ يەردە. پەلەستىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ئازابى بىزنىڭ ئازابىمىز بولغىنىدەك، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئاھىسكا تۈركلىرى، قىرىم تاتارلىرى ۋە كەركۈك تۈركمەنلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىمۇ ئوخشاشلا بىزنىڭ مەسىلىمىز. ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلماستىن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. كىمكى تۈركىيەنى ئىرقداشلىرىنىڭ مەسىلىسىدىن يۈز ئۆرىدى، دەپ قارىلايدىكەن، شۇنى ئېنىق دەپ قويايكى، ئۇ يا غاپىل، ياكى نادان، ياكى چەت ئەل كۈچلىرىگە ۋاكالىتەن ئىشلەيدىغان جاسۇسلاردۇر» دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «تۈركىيەنىڭ ئىرقداش مىللەتلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى بىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئىنشائاللاھ، بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت ئەردوغان 18-نويابىر ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 62-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئېنىق تىلغا ئالغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 4947 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2023 12:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق